«شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» (ئىسپانچە - خەنزۇچە سېلىشتۇرمىسى)نى يەرشارى بويىچە تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلدى

2023.11.24 09:44 مەنبە: خەلق تورى

  «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» (ئىسپانچە - خەنزۇچە سېلىشتۇرمىسى)نى يەرشارى بويىچە تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە «يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى» ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

  ئىسپانىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خوسى لۇئىس سېنتېللا جۇڭگونىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى چۈ شۈن قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى. سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن 50 نەچچە جۇڭگولۇق، ئىسپانىيەلىك مۇتەخەسسىس، ئالىم، جەمئىيەت مەسئۇلى، جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان زاتلار يىغىنغا قاتناشتى.

  سېنتېللا مۇنداق بىلدۈردى: كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش ھەربىر دۆلەتنىڭ بۇرچى، لېكىن ئىجرا قىلىش جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم يوق، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ھەربىر دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق، جۇڭگو يېزىلار ۋە ئەڭ ئارقىدا قالغان رايونلارغا ئالدىن كۆڭۈل بۆلۈپ، نۇرغۇن كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. ئاساسىي ئېھتىياجنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلۈشى، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ باياشات بولۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ باراۋەر، دېموكراتىك، ھەققانىي، بىخەتەر ئىجتىمائىي مۇھىتقا ئىگە بولدى.

  ئىسپانىيە جۇڭگونى بىلىش دەرسخانىسىنىڭ دىرېكتورى، قوشۇمچە ئورگان مۇناسىۋىتى مۇدىرى مارتا مونتولو مۇنداق قارىدى: «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولغان نوپۇزلۇق ئەسەر بولۇپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتىكى ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلدى.

  ئىسپانىيە جۇڭگوغا قارىتىلغان دوستانە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، جەمئىيەت باشلىقى ئانتونىئو سېگۇرا مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى توغرىسىدا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى، بۇ، پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەملىكى، بىخەتەرلىكى، ئازادىلىكى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۈگۈنكى بۇ كىتاب بولسا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قانداق ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرگەنلىكىگە ئېنىق جاۋاب بەردى.

  چۈ شۈن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، يېرىم ئەسىردىن بۇيان، جۇڭگو - ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، ئوڭۇشلۇق راۋاجلىنىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرغانلىقتىن، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ دوستانە بىللە ئۆتۈشتىن ئىبارەت توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقىدىن بولدى. دۇنيادا دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە ماس كېلىۋېرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى يوق، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ئەڭ ياخشىسى يوق، پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بار.

  «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن بولۇپ، توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر يۈرۈش مۇھىم بايانلىرى سىستېمىلىق كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابنىڭ ئېنگلىزچە - خەنزۇچە، ئىسپانچە - خەنزۇچە، فىرانسۇزچە - خەنزۇچە، رۇسچە - خەنزۇچە، ياپونچە - خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، مەركىزىي تەھرىرلىك - تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ