خەن جېڭ 2-نۆۋەتلىك دۇنيا رەقەملىك سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2023.11.27 10:29 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى جېجياڭ خاڭجوۋدا 2-نۆۋەتلىك دۇنيا رەقەملىك سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىشى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، دۇنيا رەقەملىك سودىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەقەملىك سودا خەلقئارا سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلانماقتا. جۇڭگونىڭ رەقەملىك سودا تەرەققىياتى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات بايلىقى ۋە مول بولغان سودىنى رەقەملەشتۈرۈپ قوللىنىش بوشلۇقىغا ئىگە. جۇڭگو رەقەملىك سودا بىلەن مال سودىسى، مۇلازىمەت سودىسىنى سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولىدىغان ئۈچ چوڭ تۈۋرۈك دەپ قارايدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىشتىن خالى رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، دۇنيا رەقەملىك سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دۇنياۋىلىشىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، رەقەملىك ساھەدىكى خەلقئارا قائىدە ۋە ئۆلچەم تۈزۈشكە پائال قاتنىشىپ، تېخىمۇ كۆپ تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، رەقەملىك ساھەدىكى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىش ۋە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى» ھەمكارلىقىدا باشلامچى رايون قۇرۇپ، ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن«بىر بەلباغ، بىر يول» ئېلېكتىرونلۇق سودا چوڭ بازىرىنى ئورتاق قۇرۇپ، دۇنيا رەقەملىك كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، دۇنيا رەقەملىك سودا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھسۇلاتىدىن ئورتاق ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك رەقەملىك سودا كۆرگەزمىسىدە «رەقەملىك سودا ئارقىلىق دۇنيانى تۇتاشتۇرۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن 63 دۆلەت ۋە رايون، 68 خەلقئارا تەشكىلات ۋە چېگرا سىرتىدىكى سودىگەرلەر جەمئىيەتلىرىدىن كەلگەن ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 1000 كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، خەن جېڭ كۆرگەزمە سارىيىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەھۋال دوكلاتىنى ئاڭلىدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى ھەم شىنخۇا 3-گۇرۇھىنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ