11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى بېيجىڭدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى ئامىر بايسىغلىڭ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر، ياپونىيە ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى شەنكوۋ ناجىننەن باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، سەي چى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان موڭغۇلىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «جۇڭگو موڭغۇلىيە دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەقدىرداش بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئامىر بايسىغلىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى كۆپەيدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈچەيدى، موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسى موڭغۇلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى قوللاپ، ئىككى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى كۈچەيتتى.
ياپونىيە ئادالەتچىلەر پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، سەي چى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو - ياپونىيە تىنچلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا باش ۋەزىر ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئورنىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ياپونىيە ئىككى تەرەپكە تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلىرى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئارزۇسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئاكتىپ، دوستانە بولغان ئۆزئارا تونۇش بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋر تەلىپىگە ماس كېلىدىغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك. سەي چى يەنە تارىخ، تەيۋەن، فۇداۋدىكى يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونىڭ مەيدانىنى شەرھلىدى.
شەنكوۋ ناجىننەن مۇنداق بىلدۈردى: ئادالەتچىلەر پارتىيەسى بۇ پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى چىتيەن دازونىڭ ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىغا كۈچ چىقىرىش ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ