جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا «شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار ۋەتەنگە نەزەر» ناملىق ھەر ساھە شياڭگاڭ ئاۋمېنلىق ياشلار ۋەكىللىرى ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ھەمدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ پىكىر ئالماشتۇردى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلارغا چوڭقۇر مۇھەببەت، زور ئۈمىد باغلاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلارنىڭ دۆلەت ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىقتىدارىنى تاۋلاپ، بالدۇرراق چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار ياخشى تەرەققىي قىلسا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ، دۆلەتمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ. كۆپچىلىك دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە خوجايىنلىق ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجە، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشى كېرەك. دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ۋەتەننى سۆيۈشنى شياڭگاڭ، ئاۋمېن ياشلىرى ئارىسىدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەق - ناھەق مەسىلىسىدە باشتىن - ئاخىر مەيدانىنى مۇستەھكەم قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە پائال سىڭىپ، ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ، ئارزۇغا يېتىش يولىدا، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە ياشلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، قالتىس كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى يېزىشى كېرەك.
شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار ۋەكىللىرى بەس - بەستە سۆز قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكىرى جايلىرىغا بېرىپ زىيارەت قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش تەسىراتىنى سۆزلەپ، بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى، ئاۋمېننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئەمەلىيىتىدىكى شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق باھارىمىزنى بېغىشلايمىز.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، «شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار ۋەتەنگە نەزەر» باش تېمىسىدىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ھەر ساھە شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە 165 مىڭ ئادەم قېتىم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولدى. «شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار ۋەتەنگە نەزەر» ناملىق ھەر ساھە ياشلار ۋەكىللىرى ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى باش تېمىلىق ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان 150 ۋەكىلدىن تەركىب تاپقان.
شيا باۋلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ