مالايشىيا جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە 30 كۈن ئىچىدە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ
2023.11.27 14:26 مەنبە: خەلق تورى
شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايشىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر 26-چېسلا، مەزكۇر دۆلەتنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە 30 كۈن ئىچىدە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەدبىر يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، مالايشىياغا ساياھەتكە بارىدىغان جۇڭگو، سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ چېگراغا كىرىش مۇددىتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ