مۇھىم خەۋەرلەر

«پۇتىن تېخى قارار قىلمىدى»

2023.11.15 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  «بۈگۈنكى رۇسىيە (RT)» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 13-چېسلا رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2024-يىللىق رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقنى تېخى قارار قىلمىدى.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، پېسكوف رۇسىيە سودا گېزىتى «تىجارەتچىلەر گېزىتى»نىڭ بىر پارچە خەۋىرىگە ئىنكاس قايتۇرغان. بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، پۇتىن 2024-يىل 3-ئايدا سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

  پېسكوف بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: «پۇتىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا تېخى ھېچقانداق قارار چىقارمىدى». ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، بۇ تېخىمۇ كۆپ سىياسىيونلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى».

  بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پېسكوف 11-ئاينىڭ باشلىرىدا، پۇتىننىڭ ئۆزىنىڭ 2024-يىللىق رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش قارارى توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى تاراتقۇلار خەۋەردار ئەربابلارنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، پۇتىن 2024-يىلىدىكى رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلىپ بولغاندەك قىلىدۇ، دېگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ