خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئالاھىدە باشلىقلار بىرلەشمە يىغىنى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا غەزە رايونىغا قارىتىلغان قورشاۋنى بۇزۇپ تاشلاپ، دەرھال بۇ جايغا يېقىلغۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش تەلەپ قىلىندى.
يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر شۇ كۈنى باشلىقلار يىغىنى يېپىلغاندا بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسىنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەزەدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تەكشۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى كۆچۈشكە زورلاش غەرىزىنى ئەيىبلەپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چەكلەش كۈچىگە ئىگە قارار ماقۇللاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەزە رايونىغا ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلدى.
باياناتتا يەنە خىمىيەلىك قورال-ياراغلارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ غەزەدە چەكلەنگەن قوراللارنى ئىشلىتىش» ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى مۇراجىئەت قىلىندى ھەمدە بارلىق دۆلەتلەردىن ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ، ئوق-دورا ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىش تەلەپ قىلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يىغىندىن بۇرۇن ئېلان قىلغان بىر باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ھەر قايسى تەرەپلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى» ۋە «ئىسلام دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى»نى ئۆتكۈزۈش ئەمەس بەلكى«بىرلەشمە ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى» ئېچىشنى قارار قىلدى، بۇ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ غەزە رايونى ۋەزىيىتى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، ۋەقەنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانى، پەلەستىن، سۈرىيە، قاتار، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى شۇ كۈندىكى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. ئىران زۇڭتۇڭى رەئىسىمۇ يىغىنغا قاتناشتى، بۇ 2012-يىلىدىن بۇيان ئىران زۇڭتۇڭىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ