خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى، «يەر شارى تاكتىكىسى ئۇچۇرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام جونېس يېقىندا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت، بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش ئىنتايىن مۇھىم، ئامېرىكىنىڭ سان-فىرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا-جۇڭگو باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
جونېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا ئۇچرىشىشى ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشنى توختىتىپ مۇقىملىشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى دەل ئىككى تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
جونېس مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا، ئامېرىكا-جۇڭگو يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، ئىقتىساد، سودا، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە بىۋاسىتە سۆھبەتلەشتى ۋە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى مەلۇم دەرىجىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئەلئارا دوستلۇقى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان نامۇۋاپىق سىياسەتلىرىنى تۈزىتىشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.
«ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا-جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىدە تۈپ زىددىيەت ۋە دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتى يوق. <ئۇچار يولۋاس ئەترىتى>نىڭ تارىخى يەنىلا ئامېرىكا خەلقى ئارىسىدا تارقالماقتا. ئوقۇغۇچىلار، ئالىملار قاتارلىقلارنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشىمۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدىغان تۈگۈن» دېدى جونېس.
جونېس مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى «بەلگىلەش»تە. بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە سىياسىتىنى چوقۇم ئۆزگەرتىپ، ئىقتىساد، سودا، تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن ئورتاقلىق تېپىپ، ئىختىلاپنىڭ توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىش پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
جونېس مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىدە يەنىلا رىقابەت، قارشىلىشىش قاتارلىق ئامىللار مەۋجۇت، لېكىن ئىككى دۆلەت ئوخشاشمىغان ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكى جەھەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
جونېس دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى توغرا يولغا باشلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت، چوقۇم بىر يۆنىلىشتە مېڭىپ، «ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى توغرا يۆنىلىشكە تەڭشەش كېرەك، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى