مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكىدا تۆۋەن قاتلامدىكىلەر «زەھەر يېيىش» بىلەن ئالدىراش، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر «چۆنتەك تومپايتىش» بىلەن ئالدىراش

2023.09.28 02:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاران بىر ياشقا كىرگەن نىكولاس دومىنىس مەڭگۈگە كۆز يۇمدى. جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بېرىلغان يەنە ئۈچ بالا سەككىز ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە ئىدى. جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى ھەيرانلىق ئىچىدە بۇ بالىلارنىڭ ئەپيۈن تۈرىدىكى دورا فېنتانىلدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى بايقىدى.

  بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەمەس، بەلكى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى بىر كۈندۈزلۈك قاراش مەركىزىدە يۈز بەرگەن ھەقىقىي دېلو. كۈندۈزلۈك قاراش مەركىزىنىڭ خوجايىنى قاتارلىقلار بۇ يەسلىدە زەھەر يوشۇرغان، زەھەر ياسىغان دەپ ئەيىبلەندى. ساقچى تەرەپ بالىلار ئۇخلايدىغان ۋە ئوينايدىغان يەر سېلىنچىسى ئەتراپىدا بىر كىلوگىرام فېنتانىل ۋە كۆپ خىل زەھەر ياساش ئۈسكۈنىسىنى بايقىدى، يەنە بالىلار ئويۇن رايونىدىكى ھەرىكەتچان پول ئاستىدا نۇرغۇن خالتىغا قاچىلانغان فېنتانىل پاراشوكىنى بايقىدى.

  يەسلىدە زەھەر يوشۇرۇش دېلوسى ئامېرىكىدا زەھەر يامراپ ئاپەتكە ئايلىنىپ، پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ھالىتىنىڭ كىچىككىنە بىر كۆرۈنۈشى. نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %5 ىگە يەتمەيدىغان ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ %80 ىنى ئىستېمال قىلىدۇ. ئامېرىكا 50 نەچچە يىل ئىلگىرىلا زەھەرگە «جەڭ ئېلان قىلدۇق»، دەپ جار سالغان بولسىمۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرى ئۇزاققىچە جايىدا ئەمەلىيلەشمىدى، ھازىرغىچە پۈتۈن تۈر بويىچە فېنتانىلنى مەڭگۈلۈك چەكلىمىدى. «زەھەر يېيىش ئىمپېرىيەسى»نىڭ سىياسەتۋازلىرى ۋە دورا كارخانىلىرى «چۆنتەك تومپايتىش دولقۇنى»دا مەستخۇش بولۇپ، ئاددىي خەلقنىڭ دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىش پاتقىقىغا پېتىپ، ئاخىرى پاتقاققا چۆكۈپ كەتكەنلىكىگە سوغۇق نەزەردە قاراپ تۇردى.

  «دورا ياساش كەسپى زەھەر سېتىش گۇرۇھىغا ئوخشايدۇ»

  بۇ يىل 8-ئايدا ئامېرىكىلىق داڭلىق رېژىسسور پېتېر بېرگنىڭ «ئاغرىق توختىتىش دورىسى» ناملىق تور تىياتىرى قويۇلغاندىن كېيىن، نەتفېلكس شىركىتى سۇپىسىدا ئامېرىكىلىقلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان تور تىياتىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ تور تىياتىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئەپيۈن تۈرىدىكى دورا كرىزىسى ۋە دورا ياساش شىركەتلىرىنىڭ بۇنىڭ ئىچىدە ئوينىغان رولى تەسۋىرلەنگەن. بېرگ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئاغرىق توختىتىش دورىسى» ناملىق بۇ تور تىياتىرىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئامېرىكىدا شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت جەمئىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2000-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم دورا ئىشلىتىش مىقدارى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلار سەۋەبلىك ئۆلگەن. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى ئامېرىكىدا 80 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكتىن ئۆلگەن. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى سكوت خېيخام: بۇ «ھەر كۈنى بوئىن 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن بىرى چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى ھەممەيلەن ئۆلگەنگە باراۋەر» دېدى.

  بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بۇ دورا كىرىزىسىدا، دورا ياساش شىركەتلىرى ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىۋاتقان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول بولۇپ قالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ پۇردۇ دورا ياساش شىركىتى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدۇ. گېرمانىيە «دەۋر» ھەپتىلىك گېزىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ پۇردۇ دورا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئوكسى كونتىن ئامېرىكىدا ناھايىتى تېزلا ئاسپىرىنغا ئوخشاش دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىغا ئايلانغان بولۇپ، ھەممە ئادەم دېگۈدەك ئىشلەتكەن.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1999-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، 200 مىڭ ئامېرىكىلىق ئوكسى كونتىن ۋە باشقا رېتسېپلىق ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارنى زىيادە ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. بىر مۇتەخەسسىس سوتتا گۇۋاھلىق بەرگەندە: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۇردۇ دورا ياساش شىركىتىنى تىزگىنلەۋاتقان ساكلېر جەمەتى ئوكسى كونتىن قاتارلىق دورىلارنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق 13 مىليارد دوللار پايدا ئالدى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ