لى چياڭ بېيجىڭ شەھىرىدە كەسىپلەشكەن،ئىلغار، ئالاھىدە، يېڭى كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

كۈچنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ساھەلەرنى ئىنچىكە تەقسىم قىلىش، پەن-تېخنىكىنىڭ مۇستەقىل، كۈچلۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا تېخىمۇ زور رول ئويناش كېرەك

2023.09.22 15:19 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ 9-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدە كەسىپلەشكەن، ئىلغار ، ئالاھىدە، يېڭى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، كەسىپلەشكەن، ئىلغار، ئالاھىدە، يېڭى كارخانىلارنىڭ كۈچنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ساھەلەرنى ئىنچىكە تەقسىم قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ مۇستەقىل، كۈچلۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا تېخىمۇ زور رول ئويناش كېرەك.

  لى چياڭ ئالدى بىلەن بېيجىڭ چاڭمۇگۇ داۋالاش پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىگە كەلدى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، تەقلىدىي رەقەملەشكەن ئوپېراتسىيە ئۆيىگە كىرىپ ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەرنى كۆردى، ئۇلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ماختىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ياردىمىدە داۋالاش تېخنىكىسى تەتقىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بېيجىڭ گوكې تيەنشۈن پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە، لى چياڭ شىركەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ چوڭ جابدۇق، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كارخانىنىڭ دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە رىغبەتلەندۈردى. لى چياڭ ئالاقىدار تەرەپلەردىن يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىش، كېڭەيتىش جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى زورايتىشنى ھەمدە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  بېيجىڭ خۇاجو جىڭكې پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە، لى چياڭ ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە كەسىپلىشىش تەرەققىياتىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ھەمدە سېخقا كىرىپ، مەھسۇلاتنىڭ يادرولۇق بۆلەكلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى توپلاشتۇرۇپ تەڭشەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆردى، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بەزى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلار، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەقىل بولۇش ئاساسىغا قۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغاندا، لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشتەك مۇھىم ئۆتكەلدە تۇرماقتا، تەرەققىيات ئىشەنچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىرادىسىنى ساقلاش كېرەك. كەسىپلەشكەن، ئىلغار ، ئالاھىدە، يېڭى كارخانىلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكىلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. كەسىپلەشكەن، ئىلغار ، ئالاھىدە، يېڭى كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭىلىق يارىتىش ئۇنىڭ روھىدۇر. كۆپچىلىكنىڭ دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، جاپالىق مەشىق قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىللىققا قاراپ ئۈزلۈكسىز تىپ ئۆزگەرتىپ، كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئامىللىق بايلىق كاپالىتى سىستېمىسى، پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ دەۋرىيلىك مۇلازىمەت باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە پەلەمپەيسىمان ئۆسۈپ يېتىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ قوللاش، باجدا ئېتىبار بېرىش، ئىجازەت ئۆلچىمى، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلەپلىرىگە قارىتا، تېخىمۇ توغرا، ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش كېرەك. لى چياڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كەسىپلەشكەن، ئىلغار ، ئالاھىدە، يېڭى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرى ۋە ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پەن-مائارىپ بايلىقى مول، كەسىپ ئاساسى پۇختا بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ياخشى يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا مۇستەقىل، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ