شى جىنپىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش كېرەك

2023.09.27 14:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. 10 يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى ئەركىن سودا سىناق رايونلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، زور بىر تۈركۈم ئۇل خاراكتېرلىك، ئىجادىي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن بەلگە خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئۇنىۋېرسال سىناق سۇپىسىلىق رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، 10 يىللىق قۇرۇلۇش تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەش ئاساسىدا، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى يېتەكچى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە يۇقىرى ئۆلچەمدە ئۇدۇللىشىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش ۋە سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، قاراشنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىپ، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى كېڭىيىش ھاسىل قىلىپ، تەرەققىياتنى پىلانلاشتا يېڭى يۈكسىلىش ھاسىل قىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا، سودا مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل يولداش ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ 10 يىللىق قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، تاموژنا باش مەھكىمىسى ۋە شاڭخەي، تيەنجىن، فۇجيەن، لياۋنىڭ، سىچۇەن، گۇاڭشىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، 21 ئەركىن سودا سىناق رايونى تۇرۇشلۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ