لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

يىغىندا يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، «كارخانىلارنىڭ نېسى قالدۇرغان پۇلىنى ئېنىقلاش مەخسۇس ھەرىكىتى لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ياخشى ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا قوغداش نىزامى (لايىھە)»سى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى

2023.09.22 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 9-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، «كارخانىلارنىڭ نېسى قالدۇرغان پۇلىنى ئېنىقلاش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ياخشى ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا قوغداش نىزامى (لايىھە)»سى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئېلىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سانائەتنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق كەسىپلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كارخانىلارنىڭ ھېسابىدا پۇلنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە مەبلەغ سېلىش مۆلچەرىگە، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز رايونىنىڭ قەرز ئېنىقلاش خىزمىتىگە ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇپ، ھۆكۈمەت كارخانىلىرىنىڭ نېسى قالغان پۇل مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، كارخانىلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا نېسى قالدۇرۇشتەك «ئايلانما» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى باشلامچىلىق بىلەن قايتۇرۇشى كېرەك. ماھىيەتلىك تۆلەمنى ئۈزۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئېنىقلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېنىقلاپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.يىغىندا ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرگە ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چىڭ كۆزلەپ قويۇۋەتمەي، «مەسىلە تىزىملىكى» نى «مەسئۇلىيەت تىزىملىكى» قىلىپ، تۈرمۇتۈر چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ، تۈزىتىش ئەھۋالىغا دەل ۋاقتىدا «قايتا قاراپ چىقىش» ئېلىپ بېرىپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ توپلىغان تەكلىپ-پىكىرلەرگە قارىتا، مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلاشقا بىرلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش ئويلىشىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا قوغداشنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تىرىكىنى مۇستەھكەملەپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالاقىدار كارخانىلارنى نىزامنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ ۋە قوللاپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ