شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

باشتىن ـ ئاخىر ئەمەلىي ئىشلەپ، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جېجياڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

بېيجىڭغا قايتىش سەپىرىدە شەندۇڭ زاۋجۇاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى، سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

2023.09.27 09:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن 21 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تىجارەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن 21 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جۇجى شەھىرى فېڭچياۋ بازىرىدىكى فېڭچياۋ تەجرىبىسى كۆرگەزمىخانىسىدا، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئەمەلىي ئىشلەپ، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جېجياڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

  9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن 21 ـ كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يى ليەنخۇڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ خاۋنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ جىنخۇا، شاۋشىڭ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، يېزا، سودا بازىرى، كۆرگەزمىخانا، مەدەنىيەت باغچە رايونى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جىنخۇا شەھىرىنىڭ يىۋۇ شەھىرى خوۋجەي كوچا باشقارمىسى لىزۇ كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لىزۇ كەنتىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەش سۇبيېكتلىرى بەس ـ بەستە كىرىپ ماكانلاشتى، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكى ناھايىتى قىزىپ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت بولۇپ باھالاندى. شى جىنپىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، «ئورتاق بېيىش بازىرى»، بوياقچىلىق دۇكىنى قاتارلىق مەيدان ـ ئورۇنلاردا لىزۇ كەنتىنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. لىزۇ كەنتىدىكىلەرنىڭ يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 52 مىڭ يۈەنگە يەتكەنلىكىنى بىلىپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: لىزۇ كەنتىنىڭ ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى جېجياڭنىڭ «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى»دىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىسىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ياشلارغا تالانتىنى نامايان قىلىدىغان، قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى، تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، شۇ جايدىكى ئامما باش شۇجىنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ، باش شۇجىنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز، ئىستىقبالى زور، يۇرتداشلار تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق بېيىيدىغان گۈزەل ئەتىگە بىرلىكتە ئاتلىنىڭلار.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ئارقىلىق سودا شەھەرچىسىنىڭ تىجارىتى ھەم «يىۋۇ ـ شىنجاڭ ـ ياۋروپا» نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئەمەلىي ئىگىلىدى ھەم بازارغا كىرىپ تىجارەتچىلەر، كىچىك كارخانا ئىگىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بازار ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يىۋۇنىڭ ئۇششاق تاۋارلىرى چوڭ بازارلارنى ئېچىپ، چوڭ كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ ناھايىتى قالتىس ئىش، ھەربىر ئادەمنىڭ ھەممىسى قاتناشقۇچى، قۇرغۇچى، تۆھپە قوشقۇچى. سودا شەھەرچىسى يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  بۇ يىل يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئۆگىنىش، كېڭەيتىش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەرگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى. 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» بارلىققا كەلگەن جاي جۇجى شەھىرىنىڭ فېڭچياۋ بازىرىغا كېلىپ، فېڭچياۋ تەجرىبىسى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، مەسىلىنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ شاۋشىڭغا جايلاشقان شەرقىي جېجياڭ قانىلى مەدەنىيەت باغچىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ قەدىمىي قانال دەريا يولى ۋە ئەتراپتىكى تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى پىيادە كۆزدىن كەچۈرۈپ، شەرقىي جېجياڭ قانىلىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىش تارىخى ۋە شۇ جاينىڭ سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، چوڭ قانالنى قوغداشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چوڭ قانال دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن سۈنئىي قانال، ئىنتايىن قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى. چوڭ قانال مەدەنىيىتى جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، قەدىمىي چوڭ قانالنىڭ دەۋر يېڭى قىياپىتىنى جۇلالاندۇرۇش كېرەك.

  9 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، جېجياڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، جېجياڭغا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جېجياڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى بىلەن ئەۋزەل بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سەپ ساھەلىرىدە تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك. كارخانىلارنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئۇلى قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئىلغار، ئەسقاتىدىغان تېخنىكىلارنى تېزدىن قوللىنىشقا يېتەكلەپ ۋە مەدەت بېرىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئىلغارلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد بويىچە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپى ۋە رەقەملىك كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. پەن ـ تېخنىكا ئۇل ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشى كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى يەرشارىۋى نەزەر بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جېجياڭ ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئالدىن يولغا قويۇپ ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك. شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى، رايون ئارىسىدىكى پەرقنى، كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىلىق ئادەملەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ـ كەنت خاس كەسىپلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. تىنچ ـ ئامان جېجياڭ، قانۇنچىل جېجياڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جېجياڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈشى كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان، پۈتۈن يەرشارىغا نەزەر سالىدىغان نەزەر دائىرە بىلەن ئىسلاھاتنى پىلانلاپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىشى كېرەك. تۈرلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش، تاشقى سودىنى زورايتىش ئۇسۇلى ۋە يولىدا يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا قائىدىسىنى قايتا قۇرۇش يۆنىلىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىش، رەقەملەشكەن تەرەققىيات، مۇھىت قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن يولغا قويۇشى، ئالدىن سىناق قىلىشى كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»، «ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى يەرشارى مىقياسىدا كەسىپ ئىش تەقسىماتى ۋە بايلىق تەقسىملەشكە پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە قوللاپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جېجياڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتە پائال ئىزدىنىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، دەۋر خاسلىقىغا ئىگە بولغان يېڭى مەدەنىيەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ زامانىۋى ھالىتىنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ كۆلەمدە يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، باراۋەرلەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى قاتارلىق كۆزنەكلەردىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، تارقىتىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەش، ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كادىرلارنى تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېقىن بولۇش بىلەن پاك بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت ـ سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە خىزمەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام ـ دەرىجە، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ تۈزىتىشنى تۇتۇپ، ئاممىنى ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭغا قايتىش سەپىرىدە، شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لىن ۋۇ ۋە ئۆلكە باشلىقى جوۋ نەيشياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا زاۋجۇاڭ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. زاۋجۇاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئانار مەركەزلىك تۇتاش ئۆستۈرۈلىدىغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سورتى ئەڭ كۆپ، كەسىپ زەنجىرى ئەڭ مۇكەممەل بولغان رايونلارنىڭ بىرى. شى جىنپىڭ يىچېڭ رايونىغا جايلاشقان گۇەنشى ئانارلىق بېغىنىڭ ئانار ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرىغا كېلىپ، ئانار دەرىخى تۈرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئانار ئۆستۈرۈش تارىخى، ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى يىغىپ ساقلاش ۋە كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم ئانار ئۆستۈرۈش بېغىغا كېلىپ يۇرتداشلاردىن بۇ يىللىق ئانار ئۆستۈرۈش، ھوسۇل ئېلىش ۋە كىرىم ئەھۋالىنى سورىدى. شۇ جاينىڭ ئانارنى ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە ئانارنى تەشتەكتە يېتىشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلىپ، شى جىنپىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆسۈۋاتىدۇ، ئەلا سۈپەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ بازار ئېھتىياجى ئېشىۋاتىدۇ، ئانار كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بار. داڭلىق ماركا يارىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كەسىپ بازىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئانار مېۋىسىگە ئوخشاش مول ھوسۇللۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

  لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمراھ بولۇپ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 5 ـ سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ