دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا ئامېرىكىنىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى پاۋېلسىن بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، ئىككى دۆلەت ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم يولغا قايتىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى قايتا ئېشىش ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، بىز ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىشنى قارشى ئالىمىز.
پاۋېلسىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىم كامىل. ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنياغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىككى دۆلەت ئالاقە ۋە سۆزلىشىشنى ساقلاپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئويناشنى خالايمەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ