خەن جېڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

2023.09.22 15:26 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ نىيۇ يوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، ئامېرىك دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، تۈرلۈك تۇراقسىز، ئېنىقسىز ئامىللار ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى. خەلقئارا ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولغانسېرى، ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىكتە شۇنچە چىڭ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا كۈچلۈك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىىغا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئىدىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ غايىسى ۋە نىشانى بىلەن يۈكسەك بىردەك بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىش ۋە پائال قوللىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا يادرولۇق رول ئوينىشىنى قوللايدۇ.

  گۇتېررېس مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلىرىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسلارغا يۇقىرى باھا بېرىمەن، ھەمدە جۇڭگونىڭ دۇنيانى توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.خەن جېڭ بىلىنكىن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق بىلدۈردى: ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەم ئىككى دۆلەتكە ھەم دۇنياغا پايدىلىق. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئامېرىكا ئۈچۈن خىرىس ئەمەس، بەلكى پۇرسەت، خەۋپ - خەتەر ئەمەس، بەلكى پايدا، ئىككى تەرەپ تامامەن ئۆزئارا نەتىجە قازىنىپ، ئورتاق گۈللىنەلەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان سىياسىتى سىجىللىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلايدۇ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە باشتىن - ئاخىر رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپ بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بالى ئارىلى ئۇچرىشىشىدىكى مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن ساغلام، مۇقىم يولغا قايتىشىنى، ئىككى دۆلەتكە نەپ يەتكۈزۈپ، دۇنياغا بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بىلىنكىن مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ