9-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2023.09.25 09:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  9-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ قەشقەردە ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ئاساسىي لىنىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەر توپلاندى. شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، ئۇزاققىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشقا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ما شىڭرۈي، جياڭ شىنجى يىغىنغا قاتناشتى. شى تەيفېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جايلار، تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرى، ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن ھەم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، شى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ يەنە ئىلى، قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە بىڭتۈەن 4-شىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى يوقلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ