شى جىنپىڭ خاڭجوۋ 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم بىر قاتار تاشقى ئىشلار پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ

2023.09.25 09:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە خاڭجوۋ 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەل رەھبەرلىرى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ۋە ئىككى تەرەپ پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.

  باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەل رەھبەرلىرىدىن: كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر، كۇۋەيت تەخت ۋارىسى مىشال، نېپال زۇڭلىسى پىراچاندا، شەرقىي تىمور زۇڭلىسى شانانا، كورېيە زۇڭلىسى خەن دېجۇ، مالايشىيا پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ پالاتا باشلىقى زوخارى قاتارلىقلار بار.

  بۇنىڭدىن باشقا، بىرۇنېي سۇلتانىنىڭ ۋەكىلى شاھزادە سۇفرى، قاتار ئەمىرىنىڭ ۋەكىلى شاھزادە جوئان، ئىيوردانىيە شاھزادىسى فايسال، تايلاند مەلىكىسى شىلىۋەنۋالى، قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بايسالوۋ قاتارلىقلارمۇ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ