شى جىنپىڭ يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش باشلىقلار مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.09.27 09:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش باشلىقلار مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىخەتەر، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل، تېجەشلىك، سىغدۇرۇشچان، ئېلاستىكلىق بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش سىستېمىسى قۇرۇش ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش، «كىشىلەرنى سەپەردە راھەت ھېس قىلدۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش» گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. جۇڭگو قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىۋاتىدۇ، دۇنيا بىلەن زىچ باغلىنىش، دەۋر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى قاتناش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش تەرەققىياتى نەتىجىلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى «ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش: قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ يەرشارىۋى تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش» بولۇپ، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، 9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ