مۇھىم خەۋەرلەر

ئەنگلىيە بۈيۈك بىرېتانىيە مۇزېيى ئوغرىلانغان بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تىپىنى ئېلان قىلدى

2023.09.27 14:08 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئەنگلىيە بۈيۈك بىرېتانىيە مۇزېيى ئىلگىرى ئوغرىلانغان بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تىپىنى ئېلان قىلدى. مۇزېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوغرىلانغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈنچە-مەرۋايىت تۈرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بولۇپ، كۆپ قىسمى قەدىمكى يۇنان ۋە قەدىمكى رىمدىن كەلگەن. بۈيۈك بىرېتانىيە مۇزېيى نۆۋەتتە تەمىنلىگەن سۈرەتلەر ئوغرىلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سۈرىتى بولماستىن، بەلكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇيۇملار بولۇپ، سۈرەتتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يەنىلا مۇزېيدا ساقلانماقتا.

  شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، بۈيۈك بىرېتانىيە مۇزېيى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئوغرىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، مۇزېي باشلىقى خاتۋىش فىشېرنىڭ شۇ سەۋەبتىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەنگلىيە بۈيۈك بىرېتانىيە مۇزېيى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى جورجى ئوسبېرن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يوقاپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 2000 بولۇپ، ھازىر قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ