«شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ ئەرەب يېزىقى نۇسخىسى قاتارلىق ئالتە خىل چەت ئەل يېزىقىدىكى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.09.21 10:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ ئەرەب يېزىقى، پورتۇگال يېزىقى، گېرمان يېزىقى، سۋاخىلى يېزىقى، ئوردۇ يېزىقى ھەم ۋىيېتنام يېزىقى نۇسخىسى يېقىندا چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن بولۇپ، توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، ئۇنىڭغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى سىستېمىلىق كىرگۈزۈلگەن. بۇ قېتىم ئەرەب يېزىقى قاتارلىق ئالتە خىل تىلدىكى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى دۆلەت سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ھەمدە يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان جۇڭگو لايىھەسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ كىتابنىڭ ئېنگلىزچە ـ خەنزۇچە، فىرانسۇزچە ـ خەنزۇچە، رۇسچە ـ خەنزۇچە، ئىسپانچە ـ خەنزۇچە، ياپونچە ـ خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىسى 2022 ـ يىلى مەركىزىي تەھرىرلىك ـ تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن تارقىتىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ