سەي چى 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىگە قاتناشتى

2023.09.21 15:25 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ شوۋگاڭ باغچىسىغا كېلىپ، مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىگە قاتناشتى. سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىلىم - پەن ساپاسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  سەي چى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ «رول تۇتۇپ يول باشلاپ شانلىق نەتىجە يارىتىش»، «ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىگە تايىنىپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى»، «پەن - تېخنىكا ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش» كۆرگەزمە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىگىلەپ، ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مەخسۇس تېمىدىكى كۆرگەزمە تۈرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىلىم - پەن ساپاسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە قارىتا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق ۋە مۇلاھىزەلەرنى بېرىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، كەڭ پەن -تېخنىكا خىزمەتچىلىرى دىققىتىنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساسىي رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايرىمى»، «ئىلىم -پەن مائارىپىنى قوشۇش» كۆرگەزمە رايونىدا، سەي چى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ ئىلىم - پەن، مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئىزدىنىشنى كۆردى، «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تالانتلىقلار پىلانى» يولغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيانقى دۆلەتنىڭ ئاساسى تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىيدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن -تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، نەق مەيداندىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئىلىم - پەن ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي پائالىيەتكە قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى پائالىيىتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، بىۋاسىتە ئاممىغا يۈزلىنىدىغان، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇھىم پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى. 2004 -يىلىدىن باشلاپ ئۇدا 20 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، جەمئىي 400 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق نۇقتىلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى پائالىيىتىدە «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا كۈچ قوشۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىنى مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار، شەكلى كۆپ خىل يۈرۈشلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ