ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى: يېقىنقى تۆت ئايدا 1200 دىن ئارتۇق سۇدانلىق بالا قىزىل چىقىش ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى
2023.09.20 14:08 مەنبە: خەلق تورى
شۇ يەر ۋاقتى 19-چېسلا، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، گۇمانىي قىزىل يۇقۇمى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن سۇداندىكى توققۇز مۇساپىرلار لاگېرىدا 5 ياشتىن تۆۋەن 1200 دىن ئارتۇق مۇساپىر بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇداننىڭ باشقا رايونلىرىدا خولېرا كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان 500دىن ئارتۇق كېسەل دوكلات قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا دېنگې قىزىتمىسى، بەزگەك قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر يامراپ، سۇداندا يۇقۇم خەۋپى ۋە ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىرىسى كۈچىيىپ كەتتى.
ئادەم، قۇتقۇزۇش دورىلىرى ۋە ھالقىلىق ئۈسكۈنىلەر كەمچىل بولغاچقا، سۇدان سەھىيە ئورگىنى زور بېسىمغا دۇچ كەلدى. سۇداندا قوراللىق توقۇنۇش باشلانغاندىن بۇيان، داۋالاش ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان كۆپ قېتىملىق ھۇجۇممۇ داۋالاش مۇلازىمىتىگە توسقۇنلۇق قىلدى. گەرچە شۇ جايدىكى شىپاخانا ۋە ياردەم بېرىش ئورگانلىرى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، داۋاملىق جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، سۇداننىڭ داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى يەنىلا پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ