لى شى كۇبادا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى

2023.09.19 23:03 مەنبە: خەلق تورى

  9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، كۇبا كومپارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى كۇبادا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى. سۈرەتتە: لى شى شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ھاۋانادا كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىياز كانېل بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۇبا كومپارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە كۇبادا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى، ھاۋانادا كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى دىياز كانېل بىلەن كۆرۈشتى، كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تەشكىلاتنىڭ شۇجىسى مورالېس بىلەن سۆھبەتلەشتى، كۇبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى گېنېرال رائۇل كاسترونى يوقلىدى.

  لى شى دىئاز كانېل بىلەن كۆرۈشكەندە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ، كۇبا تەرەپنىڭ «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو» ھاۋانا باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. لى شى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىز بىلەن ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-كۇبا ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو كۇبا بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو كۇبا بىلەن بىرلىكتە دۇنيا تەرەققىياتى تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىكى تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  دىياز كانېل لى شىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى، لى شىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كۇبادا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى، جۇڭگونىڭ «دۇنيانىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى كۈچلۈك قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۇبا جۇڭگونىڭ كۇبانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. كۇبا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كۇبا خەلقىنىڭ بىر تەرەپلىك قامال قىلىش، جازالاشقا قارشى تۇرۇشتىكى ھەققانىي كۈرىشىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم، زور يەر شارىۋى تەشەببۇسنى قەتئىي قوللايدۇ. 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

  مورالېس بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ يەنە جۇڭگو دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى بىلەن كۇبا باش ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىشىغا گۇۋاھ بولدى.

  رائۇل كاسترونى يوقلىغاندا، لى شى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ، جۇڭگو-كۇبا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن تۈزگەن ھەم كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن، دېدى. يولداش رائۇل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشتى. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە جۇڭگو كۇبا بىلەن قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ. رائۇل لى شىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى، جۇڭگولۇق يولداشلار بىلەن بولغان ئالاقە كەچۈرمىشلىرىنى چوڭقۇر ئەسلىدى. رائۇل كۇبا تەرەپنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا غايەت زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ۋە ئىلھاملانغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رائۇل يەنە لى شى بىلەن بىللە فىدېل كاسترو مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  لى شى كۇبادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىشى ئارقىلىق جۇڭگو تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە، قانۇنچىللىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى، دەپ كۆرسەتتى. كۇبا تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ساھەسىدىكى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  لى شى يەنە خوسې مارتى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويۇپ، خوسې مارتى خاتىرە سارىيى ۋە فرانك پەيسى يېزا ئىگىلىك ئامانەت-قەرز كوپېراتىپىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ