خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سىنلىق شەكىلدە شياڭگاڭ 8-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2013-يىلى كۈزدە، رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى، ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلىپ، چوڭقۇر قارشى ئېلىنىدىغان خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز شياڭگاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزگىچە ئورنى ۋە ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، سۇ تىرانسپورتى، سودا مەركىزىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن، قېلىپلاشقان سودا مۇھىتىنى قوغداپ، ئادەتتىكى قانۇن تۈزۈمىنى ساقلاپ، راۋان، قولاي خەلقئارا ئالاقىنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشتا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. شياڭگاڭنىڭ رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا تورىنى كېڭەيتىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىلەن تېخىمۇ زىچ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ كۆپ خىللاشقان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىنى، دىققەتنى كەسپىي مۇلازىمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قائىدىسى ئۆلچىمىنىڭ «يۇمشاق ئۇلىنىش» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شياڭگاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» باشلىقلار مۇنبىرىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت، شياڭگاڭ سودا تەرەققىيات ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، «قول تۇتۇشقان ئون يىل، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئېلىش» بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ