باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مېيىپلەرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر

2023.09.19 09:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە، مېيىپلەر ئىشلىرى «باھاردىكى ئىشلار».

  ھەربىر ئېغىز چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان سۆز، ھەربىر قېتىملىق سەمىمىي ئىلھام باھار شامىلى يۈزنى سىيپاپ ئۆتكەندەك ئىللىقلىق يەتكۈزمەكتە؛ ھەربىر ئىللىق ھەرىكەت، ھەربىر ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرى خۇددى سىم - سىم باھار يامغۇرىدەك كەڭ مېيىپلەرنىڭ قەلبىنى ياشناتماقتا، تولۇپ تاشقان ئۈمىد بېغىشلىماقتا.

  باھار شامىلى يۈزنى سىيپاپ ئۆتكەندەك ئىللىقلىق: «مېيىپلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك»

  2019 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، خەلق سارىيىدا، 6 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىلىرى ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ئىلغارلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  سەپنىڭ ئالدىنقى رېتىدە، ئۇچىسىغا ھەربىي فورما كىيگەن، كۆزىگە قېلىن داكا تېڭىۋالغان بىر ياش تىك تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىسمى دۇ فۇگو بولۇپ، 2018 - يىلى 10 - ئايدىكى بىر قېتىملىق مىنا تازىلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا بەختكە قارشى ئىككى قولى، ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.

  كۆز ئالدى قاپقاراڭغۇ بولسىمۇ، دۇ فۇگو يەنىلا باش شۇجىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلدى.

  «جۇشى ياخشىمۇسىز!» دۇ فۇگونىڭ ئاۋازى جاراڭلىق بولۇپ، مېيىپ ئوڭ بىلىكىنى كۆتۈرۈپ ئالاھىدە ھەربىيچە سالام بەردى. باش شۇجى سول قولىدا دۇ فۇگونىڭ جەينىكىنى تۇتۇپ، ئوڭ قولىدا ئۇنىڭ مۈرىسىنى يېنىك ئۇرۇپ قويدى.

  كەيپىيات ئىللىقلىققا تولدى، مېھىر - مۇھەببەت قەلبلەرگە ئۈن - تىنسىز ئورنىدى.

  ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، دۇ فۇگو «مىنا تازىلاشتىكى قەھرىمان جەڭچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئۆتكۈزگەن شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا قەھرىمان نەمۇنىچى مېدالىنى دۇ فۇگونىڭ مەيدىسىگە ئېسىپ قويدى، يەنە ئوردېن لېنتىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزەپ قويدى. «سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ» دەپ جېكىلىدى باش شۇجى.

  بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىش دۇ فۇگونىڭ مېيىپ بولۇپ قالغىنىغا ئەمدىلا يېرىم يىلدىن كۆپرەك بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغانىدى. باش شۇجى بەرگەن ئىللىقلىق ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ جاپالىق دەقىقىلەرنى بېسىپ ئۆتۈشىگە تىرەك بولدى.

  ئىنچىكە جايلاردىن چىن ھېسسىياتنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل چىن ھېسسىيات باشتىن - ئاخىر بىردەك بولدى.

  ئەينى يىلى، لياڭجياخېدا لىڭ ۋا ئىسىملىك بىر بالا بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارىدا ئازراق كەمتۈكلۈك بولغاچقا، بەزىدە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ بوزەك بولاتتى.

  لىڭ ۋانىڭ ئاپىسى دائىم ئۇنىڭ ئىش تېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئويلىمىغان يەردىن بېيجىڭدىن كەلگەن زىيالىي ياش شى جىنپىڭ ئىزچىل لىڭ ۋاغا خۇشخۇي پوزىتسىيەدە بولدى، باشتىن - ئاخىر بۇ بالىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلدى. بەزىدە، لىڭ ۋا ئۇنىڭ نەرسىسىنى تارتىۋالسىمۇ، ئۇ ئەزەلدىن خاپا بولمىدى.

  «جىنپىڭ بۇ يەردە بولسا، لىڭ ۋا بوزەك بولمايدۇ، بەلكى خېلىلا خۇشال - خۇرام، ئەركىن - ئازادە بولۇپ قالىدۇ.» بىللە يېزىغا چۈشكەن زىيالىي ياش ئەسلەپ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ داشۆدە ئوقۇغاندا، لىڭ ۋانىڭ ئاتا - ئانىسى «قاتتىق يىغلاپ كەتتى» «خۇددى ئۆزىنىڭ بىر تۇغقىنى يىراققا سەپەر قىلغاندەك ئازابلاندى».

  1993 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم فۇجيەندىن لياڭجياخېغا قايتىپ يۇرتداشلارنى يوقلىغاندا، لىڭ ۋانىڭ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئالايىتەن پۇل قالدۇرۇپ قويغانىدى.

  چىن كۆڭۈل بىلەن چىن ھېسسىياتقا ئېرىشىش.

  1975 - يىلى 10 - ئايدا، يولداش شى جىنپىڭ لياڭجياخېدىن ئايرىلغان شۇ كۈنى، ھەرىكىتى قولايسىز مېيىپ كەنت ئاھالىسى شى يۈبىڭ بىر جۈپ قولتۇق تايىقىغا تايىنىپ، بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن پۇتىنى سۆرەپ مېڭىپ خوشلاشقىلى كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ بىر قاراپلا كىشىلەر ئارىسىدىكى شى يۈبىڭنى كۆرۈپ، دەرھال ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى، كۆزلىرى ياشقا تولدى.

  سېرىق توپىلىقتا باسقان ھەربىر قەدىمىدە، مېيىپ ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ چوڭقۇرلاشتى.

  يولداش شى جىنپىڭ فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ساڭشەن رايونى شاڭدۇ كوچا باشقارمىسىدىكى كېسەل سەۋەبىدىن پېنسىيەگە چىققان مېيىپ خىزمەتچى لىن كۇڭشياڭنىڭ خوتۇنىنىڭ ئاغرىپ مېيىپ بولۇپ قالغانلىقىنى، 18 ياشلىق قىزىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، رايوندىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى بىلەن مەسلىھەتلەشتى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى بىر سودا دۇكىنىنى تەڭشەپ، لىن كۇڭشياڭنىڭ يېمەكلىك دۇكىنى ئېچىشىغا ئىجارىگە بەردى ھەم ئۇنىڭغا ئالاقىدار ياردەم پۇلى بېجىرىپ بەردى.

  «بۇنداق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ھۆكۈمەت ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، بۇ كىشىلەرگە كۆپرەك جىددىي ياردەم بېرىشى كېرەك» دېدى يولداش شى جىنپىڭ.

  بۇنداق «ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش» ۋە «جىددىي ياردەم بېرىش» يولداش شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش كەچۈرمىشىدە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.

  فۇجوۋدا ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئاساسلىق مەسئۇل بولغاندا، يولداش شى جىنپىڭ «دەرھال بېجىرىش» خىزمەت ئىستىلى بىلەن نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، ئەرز ئېيتىپ كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەپ، ياردەم سوراپ كەلگەن 70 ياشلاردىكى بىر مومايغا تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ بەردى ھەم پاراۋانلىق ئورنىغا ئۇنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى مېيىپ ئىككى بالىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپىلىدى؛

  جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، بىر يىلى باھار بايرىمىدىن بۇرۇن، يولداش شى جىنپىڭ چۈجوۋغا بېرىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىغاندا، گەرچە كۈنتەرتىپى ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مۇساپىنى ئىخچاملاشقا توغرا كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا «مېيىپلەر ئائىلىسىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك» دەپ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدى؛

  شاڭخەيدە خىزمەت قىلغاندا، يولداش شى جىنپىڭ شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا بېرىپ يېتىم، مېيىپ بالىلارنى يوقلىغاندا، بالىلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، كۆپ قېتىم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بالىلار بىلەن پاراڭلاشتى، بالىلارنىڭ رەسىم سىزىشى، ناخشا ئېيتىشى، ئۇسسۇل ئوينىشى، تىكتاك توپ ئوينىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۆردى؛

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئەگرى - بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ مېڭىپ، سەنشى لۈلياڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى جاۋجياۋا كەنتىگە بېرىپ، مېيىپ نەۋرىلىرىنى ئۆزى يالغۇز بېقىۋاتقان ۋاڭ سەننۈگە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ئاپىرىپ بەردى ھەم شۇ جايدىكى كادىرلارغا بالىلارغا بولغان ئالاھىدە تەربىيەنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپىلىدى...

  «مېيىپلەر ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپى، ئۇلار ئادەتتىن تاشقىرى كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئادەتتىن تاشقىرى ئەھمىيەت بېرىشكە ئېھتىياجلىق.» بۇ «ئادەتتىن تاشقىرى» مۇھەببەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

  باھار يامغۇرى كەبى قەلبلەرنى ياشنىتىش: «مېيىپلەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مېيىپلەرنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش»

  ئارىدىن 30 نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ فۇجيەن ئۆلكىسى مىنچىڭ ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى خۇاڭ داۋلياڭ شى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆزىگە قىلغان غەمخورلۇقىنى ئەسلىگىنىدە، ھېلىھەم ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ.

  خۇاڭ داۋلياڭ كىچىك ۋاقتىدا بىر قېتىملىق ھادىسىدە ئىككى بىلىكىدىن ئايرىلىپ قالغان، لېكىن ئۇ قايتىدىن قەددىنى رۇسلاپ، پۇتى بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگىنىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بىر يولىلا ئوقۇپ تۈگەتكەن. ھالبۇكى، ئۇدا ئىككى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى ئالىي تېخنىكوم نومۇر سىزىقىغا يەتكەن بولسىمۇ، بىرەر مەكتەپمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان.

  1990- يىلى، خۇاڭ داۋلياڭ 3 - قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان. بالىسىنىڭ ئارزۇسىنىڭ يەنە يوققا چىقىشىدىن ئەنسىرىگەن دادىسى مىنجياڭ كەسپىي داشۆسىگە بىر پارچە خەت يېزىپ، بالىسىنىڭ بىلىم ئېلىش ھېكايىسىنى بايان قىلغان. ئەينى چاغدا فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ قوشۇمچە مىنجياڭ كەسپىي داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن خۇاڭ داۋلياڭ ئاخىر مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قەدەم ئېلىپ، فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى بىلىكى يوق تۇنجى داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغان.

  «مەكتەپنىڭ ئەينى يىلى مېنى قوبۇل قىلىپ، ماڭا ئىنتايىن قىممەتلىك داشۆ ھاياتى بېغىشلاپ، مېنى يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى خۇاڭ داۋلياڭ.

  رەھمەت ئېيتىش نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ كۈرەش قىلىشقا ئايلاندى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خۇاڭ داۋلياڭ مىنچىڭ ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ، مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولدى، ئۇ بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ مېيىپلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى مېيىپلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم قىلىش - يۆلەشكە كۆپ تەرەپتىن مۇراجىئەت قىلدى.

  «مېيىپلەر جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ قەلبىدە مېيىپلەر ساغلام كىشىلەرگە ئوخشاش ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن تولۇق بەھرىلىنىپ، ئوخشاش بىر كۆك ئاسمان ئاستىدا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك، دەپ ئويلايدۇ.

  توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى دەل مېيىپلەرنىڭ جەمئىيەت تۇرمۇشىغا باراۋەر، تولۇق، قولايلىق قاتنىشىشى ۋە سىڭىشىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

  2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەن چاڭشادا ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە قارىتا پىكرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. يىغىندا، ياڭ شۇتىڭ مېيىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆز قىلىپ، مېيىپلەر مۇلازىمەت - كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ياڭ شۇتىڭ سۆز قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىنتايىن ئەستايىدىل ئاڭلاپ، پات - پات دەپتىرىگە خاتىرە قالدۇرغانلىقى ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىدە. «سىز تىلغا ئالغان توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەسىلىسى بىر دۆلەت ۋە جەمئىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ بەلگىسى، بىز يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ ياڭ شۇتىڭغا.

  بۇ قېتىمقى كەچۈرمىشى سەۋەبلىك ياڭ شۇتىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ يۇرتىنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ھېس قىلغۇچىسىغا ئايلىنىپ، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئاسراش توغرىسىدا ئۆزىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  2023 - يىلى 6 - ئايدا، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى توغرىسىدا تۈزۈلگەن مەخسۇس قانۇن − توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى قانۇنىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى.

  «بۇ قانۇننىڭ ھەربىر سۆز - جۈملىلىرىگە باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مېيىپلەرگە بولغان ھەر تەرەپلىمە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشى سىڭگەن. ئىشىنىمەنكى، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر جىسمانىي مېيىپلىكنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ بىخەتەر، قولاي ھالدا ئۆيدىن چىقىپ جەمئىيەتكە سىڭىشىدۇ» دېدى ياڭ شۇتىڭ.

  مېيىپلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

  كىنونى چۈشەندۈرۈش ئارگىنالىنىڭ يەنە بىر بۆلىكىنى يېزىپ بولغاندا، يېرىم كېچە سائەت 12دىن ئاشقانىدى، دۇ چېڭچېڭ ئۈستەلنى يىغىشتۇرۇپ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

  بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن دۇ چېڭچېڭ ۋۇخەن شەھىرىنىڭ چىڭشەن رايونىدىكى «ئەمالار كىنوسى مەخسۇس مەيدانى»نىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى، شۇنداقلا پۇت - قولى ئېغىر مېيىپ ئايال.

  كىنونى چۈشەندۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. بىر كىنونى چۈشەندۈرۈش سۆزىگە ھەمىشە بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇزاق ئولتۇرالمايدىغان دۇ چېڭچېڭ ھەمىشە كارىۋاتتا دۈم يېتىپ يېزىقچىلىق قىلاتتى، ھېرىپ قالسا يېتىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ داۋاملىق ناھايىتى بېرىلىپ ئىشلەيتتى.

  2018 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋۇخەن شەھىرى چىڭشەن رايونىنىڭ چىڭخېجۈ مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا دۇ چېڭچېڭنى ئۇچراتتى. چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان دۇ چېڭچېڭنى كۆرۈپ، باش شۇجى ئالدىغا بېرىپ ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى «ناھايىتى ئەھمىيەتلىك خىزمەت ئىكەن» دەپ ماختىدى.

  «قايتىدىغان چاغدا، باش شۇجى يەنە ماڭا <رەھمەت سىزگە> دېدى، شۇ چاغدا كۆز ياشلىرىم تۆكۈلدى.» دۇ چېڭچېڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ خىزمىتىمنى ئەھمىيەتلىك ھېس قىلىشى ئۇنىڭ مېيىپلەرنىڭ ئېھتىياجىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىدىن بولغان».

  «تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مېيىپلەر ئىشلىرىنى كىرگۈزۈپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل شۇنداق تەكىتلەپ كەلدى.

  باش شۇجىنىڭ «بالىلار، بولۇپمۇ يېتىم بالىلار ۋە مېيىپ بالىلارغا قارىتا پۈتۈن جەمئىيەت مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشى، كۆيۈنۈشى كېرەك» دېگەن چاقىرىقى ئەمەلدە كۆرسىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دوستلۇق ۋە مېھىر - مۇھەببەت مۇجەسسەملىنىپ، مېيىپ بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا كۆك ئاسمان ھازىرلاپ بېرىلدى؛

  باش شۇجىنىڭ «روھىي توسالغۇغا ئۇچرىغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك» دېگەن يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلار روھىي توسالغۇغا ئۇچرىغانلارغا قارىتا مەھەللىلەردە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن مۇلازىمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇردى؛

  باش شۇجىنىڭ جۇڭگو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ «قالتىس جاسارىتى»گە بولغان ماختىشىنى قەلبىدە چىڭ ساقلاپ، بارغانسېرى كۆپ مېيىپلەر باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، تەنھەرىكەت ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن تولۇق بەھرىلەندى...

  «مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.» پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تەسۋىرلەنگەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بەخت مەنزىرىسىدە مېيىپلەر ئىشلىرىدىن ئىبارەت بۇ بۆلەك قويۇق رەڭدار تۈس ئالدى.

  باھاردىكى ئىللىق قۇياش نۇرى كەبى ئۈمىد بېغىشلاش: «تىرىشىپ دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان قالتىس كىشىلىك ھاياتنى يارىتىش»

  «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن، مەن پارتىيەنى ئانامغا ئوخشىتىمەن...» يان تېلېفوندىكى ناخشا ئېيتىش يۇمشاق دېتالىنى ماھىرلىق بىلەن ئاچقاندىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرىدىكى كەسمە پالەچ ساناتورىيەسىدە كەسمە پالەچ بولۇپ دەم ئېلىپ كۈتۈنۈۋاتقان ياۋ سۈيچىن ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بۇ ناخشىنى يەنە بىر قېتىم ئېيتتى.

  2016 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي تاڭشەندە تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، تاڭشەن شەھىرىدىكى كەسمە پالەچ ساناتورىيەسىگە مەخسۇس كەلگەنىدى. ساناتورىيەنىڭ ئاپتاپسىنىش ئۆيىدە، ياۋ سۈيچىن ئەرخۇ مۇزىكىسىغا تەڭكەش قىلىپ، «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» دېگەن ناخشىنى ئېيتىۋاتاتتى. ناخشا تۈگىشى بىلەن، باش شۇجى باشلامچى بولۇپ چاۋاك چالدى.

  دەل مۇشۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ساغلام كىشىلەر قالتىس كىشىلىك ھاياتنى يارىتالايدۇ، مېيىپلەرمۇ قالتىس كىشىلىك ھاياتنى يارىتالايدۇ».

  باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياۋ سۈيچىن ۋە باشقا كەسمە پالەچ بولۇپ دەم ئېلىپ كۈتۈنۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى غەيرەتكە تولۇپ كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزدى.

  ئىلگىرى باش شۇجىغا ئىجادىي شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرگەن ياڭ يۈفاڭ ئاچقۇچ ياساش ماھارىتىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، يېقىن ئەتراپتىكى مەھەللە ئاھالىلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى، بوش ۋاقىتلىرىدا شېئىر، ناخشا ئىجاد قىلىشنى داۋاملاشتۇردى؛ يەنە نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان لى دۇڭمېي ياش ۋاقتىدىكى ماھارەت كۆرسىتىش ئارزۇسىنى قايتا تۇرغۇزۇپ، خېبېي ئۆلكىلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە باتۇرلۇق بىلەن ئۈچ ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى...

  پەقەت جىسمانىي جەھەتتە كەمتۈكلۈك بار، كىشىلىك ھاياتىدا كەمتۈكلۈك يوق.

  بۇ بىر قىزغىن ھەم تىنچ دەرسخانا −

  ئىچكى موڭغۇل كۆكخوت شەھەرلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ دەرس مۇنبىرىدە، ھۆسن تۈزەش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دەرسى ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ يانى ئوقۇغۇچىلارغا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈۋاتاتتى، ئوقۇغۇچىلار پات - پات قول كۆتۈرۈپ سوئال سورايتتى. ئادەتتىكى دەرسخانىلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يەردە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش بارماق تىلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلاتتى.

  ۋاڭ يانى ئوقۇتقۇچى بولۇشنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئارزۇ قىلاتتى، بۇ ئارزۇنى نۇرلاندۇرغىنى بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاشۇ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بولدى.

  2014 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆكخوت شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا كېلىپ، بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بالىلارنى يوقلىدى. ۋاڭ يانى دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

  باش شۇجى ۋاڭ يانىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئوقۇشتا نەتىجە قازىنىشقا ئىلھاملاندۇردى. كىچىك يانى ئىختىيارسىز ئوڭ قولىنى چىقىرىپ باش بارمىقىنى ئېگىپ، باش شۇجىغا «رەھمەت» ئېيتتى. باش شۇجىمۇ قولىنى چىقىرىپ ئوخشاش ھەرىكەت قىلدى، چېھرىدە بولسا مېھرىبانلىق تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

  شى بوۋىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋاڭ يانىنى بوشاشماي ئۆگىنىدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، مۇنبەرگە چىققان ۋاڭ يانى تېخىمۇ كۆپ مېيىپ بالىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشكە باشلىدى. «ھازىر، <ياخشى ئۆگىنىپ، ئوقۇشتا نەتىجە قازىنىش> مېنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ كۆپ <دەيدىغان> سۆزۈم بولۇپ قالدى، شى بوۋامنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئۈمىدى بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ خىزمەتتىكى ئىنتىلىشىمگە ئايلاندى».

  ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى ئۇرغۇتۇش.

  2022 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بىر جۈملە سۆزنى مەخسۇس تىلغا ئالدى: «خۇددى كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بىر تەنھەرىكەتچى مۇسابىقە مەيدانىدا ئېيتقاندەك: <مەن دۇنيانى ئېنىق كۆرەلمەيمەن، ئەمما مېنىڭ دۇنياغا ئۆزۈمنى كۆرسەتكۈم بار>».

  نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان جۇڭگو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دالىدا قار تېيىلىش ۋە قىشلىق ئىككى تۈر تەنھەرىكەتچىسى ۋاڭ يۆنىڭ قەلبى چەكسىز ھاياجانلاندى. بۇ بىر جۈملە سۆزنى ۋاڭ يۆ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگەنىدى.

  بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋاڭ يۆ بىر پەس دەم ئېلىپ ۋە ئۆزىنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىدى: «مەن غەيرىتىم ۋە تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق ماھارەت كۆرسىتىش سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو مېيىپلىرىنىڭ سالاپىتىنى كۆرسىتىمەن».

  جۇڭگو ئارزۇسى مىللەتنىڭ ئارزۇسى، دۆلەتنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا مېيىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى.

  يۈننەن ئۆلكىسى كۇنمىڭ شەھىرى دۇڭچۈەن رايونى ۋۇلۇڭ بازىرى پىڭزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ شۇندۇڭ، لى گوشيۇ ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ پەقەت بىر قولى، ئىككى پۇتىلا بار. لېكىن بۇ ئىككىيلەن ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، تەلەپ قىلماي، بىر - بىرىگە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

  «بىز گەرچە مېيىپ بولساقمۇ، لېكىن روھىي جەھەتتىن مېيىپ ئەمەس، بىزنىڭ يەنە مېڭىمىز ۋە قولىمىز بار، ئويلىيالايمىز، ئىشلىيەلەيمىز.» مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاڭ شۇندۇڭنىڭ بۇ سۆزىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەڭ ئاممىنىڭ ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشەنچى، جاسارىتىنى ئالقىشلىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى بۇ بىر جۈپ كۈرەش قىلغۇچى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ قالدى. ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئاشلىق تېرىپ، باقمىچىلىق قىلىپ ناھايىتى ياخشى ئىشلەپلا قالماي، جاڭ شۇندۇڭ يەنە كەنتتىكى مېيىپلەرنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى بولۇپ، ھەرقايسى ئائىلىلەرگە بېرىپ، كۆپچىلىكنى بېيىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  جاڭ شۇندۇڭ بىلەن لى گوشيۇنىڭ ئۆيىدە، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز <永远跟党走>» دېگەن بەش خەت يېزىلغان بىر قىزىل بايراق بار. بۇنى ئىككى قولى يوق لى گوشيۇ بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ پۇتى بىلەن كەشتىلىگەنىدى.

  بىر يىڭنە بىر يىپتىن كەشتىلەنگىنى بۇ بىر جۈپ «بىر - بىرىگە قول - پۇت بولۇپ كەلگەن ئەر - خوتۇن»نىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئىپادىلىگەن ھەقىقىي يۈرەك ساداسى، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە دۆلىتىمىزدىكى تەخمىنەن 85 مىليون مېيىپنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن ئۈمىدىگە تېخىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  (مۇخبىرلار جۇ جىچەي، گاۋ لېي، سۈن شاۋلۇڭ، دۇڭ بوتىڭ، يىن سىيۈەن)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ