خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا مۇناسىۋىتىنى پۈتۈن كۈنلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدە. قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ۋېنېسۇئېلا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا جايىدا تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. كېلەر يىلى جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز، ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا دوستلۇقى ۋە ئىشەنچى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.
لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ۋېنېسۇئېلانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى، ئۆزىنىڭ ھەققانىي قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن ۋېنېسۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو ۋېنسۇئېلا بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئارىلاشما كومىتېتى مېخانىزمىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ سىرداش، يېقىن ئۆتۈشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ۋېنېسۇئېلا بىلەن كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مادۇرو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تىنچ تەرەققىي قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۆز دۆلىتى خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ. ۋېنېسۇئېلا بىلەن جۇڭگونىڭ پۈتۈن كۈنلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى دۇنيانىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئابىدىسى. ۋېنېسۇئېلا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم، زور تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدا ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن كۆرۈشتى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا مۇناسىۋىتى يېرىم ئەسىردىن بۇيان خەلقئارا بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى، بوران-چاپقۇندىن قورقماي، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى. تۈنۈگۈن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا مۇناسىۋىتىنى پۈتۈن كۈنلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى ئورتاق جاكارلىدى. بۇ جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك كارتىنىسى بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، بىزنىڭ قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. جاۋ لېجى جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ۋە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋېنېسۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا دوستلۇقىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
مادۇرو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نەتىجىسى مول بولۇپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋېنېسۇئېلا جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋېنېسۇئېلا بىلەن جۇڭگونىڭ پۈتۈن كۈنلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شياۋ جيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى