شى جىنپىڭ سىنگاپورنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى شاڭدامەنگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.09.15 09:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭدامەنگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سىنگاپورنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىنگاپور ئۆزئارا دوستانە يېقىن قوشنا ۋە مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - سىنگاپور قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان مۇۋەپپەقىيەت يولىنى تېپىپ چىقتى، ئۆز تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە رايون دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ يىل جۇڭگو - سىنگاپور مۇناسىۋىتى ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى مەزگىلدىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. مەن جۇڭگو - سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ شاڭدامەن بىلەن ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو - سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىش، رايوننىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ