شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق بېيجىڭ مەدەنىيەت مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.09.15 09:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9- ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق بېيجىڭ مەدەنىيەت مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە، قەدىمدىن تارتىپ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، تولۇق قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدىغان مەدەنىيەت كەڭ قورساقلىقىغا ئىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تارىختىن بۇيان ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەتنى تەرىپلەپ كەلدى. بېيجىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەت تومۇرى ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ئۇ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىزچىللىقى، ئىجادچانلىقى، بىرلىكى، سىغدۇرۇشچانلىقى، تىنچلىقىغا كۈچلۈك گۇۋاھ بولۇپ كەلدى. جۇڭگو بېيجىڭنىڭ تارىخىي قەدىمىي پايتەخت ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يەرشارىدىكى ھەرقايسى جايلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن چوڭقۇر، ئۇزاق مۇددەتلىك مەدەنىيەت كۈچى بېغىشلايدۇ.

  2023- يىللىق بېيجىڭ مەدەنىيەت مۇنبىرى «مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى يىللىق ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شۇ كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ