خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 9-ئاينىڭ 17-كۈنى گۇاڭشى نەننىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سودا، مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم سۆز قىلىدۇ.
كامبودژا باش ۋەزىرى خۇنماناي، لائوس زۇڭلىسى سۇڭسەي، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر، ۋيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ، ھىندونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مەرۇف، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە سودا مىنىستىرى پۇتان قاتارلىق چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھەمدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گاۋ جىنخۇڭ بۇ نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ