شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى يۈكسەلدۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇش كېرەك

سەي چى مەملىكەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش كاتىپلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.09.15 09:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېڭى دەۋردىكى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭلىرى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، زىممىسىگە مۇھىم مەسئۇلىيەت - بۇرچ يۈكلەنگەن. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭلىرى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، مەسلىھەتچى ۋە ياردەمچى بولۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ جەڭ ۋە سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭلىرىدا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجە، يېڭى كەيپىيات بولۇشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، سىياسىي ئورگان قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى - ياردەمچىسى بولۇشتەك مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش كاتىپلىرى يىغىنى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى يىغىنغا قاتنىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بەنگۇڭتىڭنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۈچلۈك سىياسىۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە بەنگۇڭتىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىدا يېڭى دەۋردىكى بەنگۇڭتىڭنىڭ سىياسىي تەلىپى، مەسئۇلىيەت ئورنى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى، خىزمەت ئۆلچىمى، قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىلدى، ئۇ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما بولۇپ، بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئۆتكەلنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان ئاساسىي فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە ئۇيغۇنلىشىپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمەت ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىشىمىز، ياخشى مەسلىھەتچى - ياردەمچى بولۇشقا كۈچ چىقىرىشىمىز، ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ بىخەتەر، راۋان يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ چىقىرىشىمىز، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ چىقىرىشىمىز، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەشكە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق بەنگۇڭتىڭنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارىسىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ياخشى «باشلامچى» بولۇپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇشىمىز كېرەك.

  دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋۇ جېڭلۇڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  يىغىندا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، ئالماشتۇرۇلۇپ، بەنگۇڭتىڭ سىستېمىسى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتىدە ساقلانغان نۇقتىلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ