خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى فېدېراتسىيەسى مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ساگېر بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ مۇھەممەدنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، پۇختىلاندى. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، سىياسىي دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كوللېكتىپ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كېسەك ئالتۇن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى خالايدۇ.
ساگېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس سىياسىي ئارزۇسى. جۇڭگونىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا كىرىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. كېلەر يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، قانۇن چىقىرىش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ