خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇانتانامو تۈرمىسىدە ھازىر قامىلىپ تۇرغان ئادەم سانى تەخمىنەن 30 غا ئازايدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلار ھەر يىلى بۇ نەچچە ئون كىشىنى قاماش ئۈچۈن تەخمىنەن 540 مىليون دوللار چىقىم قىلىدىكەن. بۇ بەلكىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقايمىز دەپ، لېكىن ئىزچىل تاقىيالمىغانلىقىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بەزىلەر بۇ «قارا تۈرمە»لەرنى سودىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
سىستېمىلىق ھالدا «ياخشى كىشىلەرنى تۇتۇپ تۆھپە يارىتىش»، دەھشەتلىك قىيناش ئارقىلىق قامالغۇچىلارنى «مەۋجۇد بولمىغان» جىنايەتلىرىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلاش، بۇ ئارقىلىق «نەتىجە يارىتىپ» زور سوممىلىق خىراجەتكە ئېرىشىش بىر قارا مەنپەئەت زەنجىرى ھاسىل قىلدى. ھەتتا ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گۇانتانامو تۈرمىسى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ «پۇل ئېلىش ماشىنىسى»غا ئايلىنىپ قالدى، دەپ قارىدى.
20 نەچچە يىلدىن بۇيان، تاراتقۇلار ئامېرىكىنىڭ چەت ئەلدىكى بۇ «قارا تۈرمە»لىرىدىكى تۈرلۈك سەتچىلىكلەرنى ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ بۇ سەۋەبلىك جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمىدى.
ئىراق داشۆسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پىروفېسسورى نەجىب جۇبۇرى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئۆزىنى <دېموكراتىيەنىڭ ماياكى> دەپ ئاتاپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىگە <ئەركىنلىك> ۋە <كىشىلىك ھوقۇق> ئېلىپ كەلدۇق، دېيىشىدۇ. ۋاھالەنكى، ئامېرىكىنىڭ شوئارى ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان جىنايى قىلمىشلىرى تەرىپىدىن قاتتىق كاچاتلاندى. ئامېرىكا چەت ئەللەردە گۇانتانامو، باغرام، ئەبۇ غەرايىب قاتارلىق سېسىق نامى پۇر كەتكەن نۇرغۇن تۈرمىلەرنى قۇردى، بۇ تۈرمىلەرگە قامالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى گۇناھسىز، ئۇلار دەھشەتلىك جازاغا، ھاقارەتكە، ئاچارچىلىققا، ھەتتا جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىدى. بۇ تۈرمىلەر دەل «قارا تۈرمە»، ئۇ يەردە ئەسلا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق يوق، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇ يەردە خالىغانچە تەلۋىلىك قىلماقتا».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ