لى شى «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو» ھاۋانا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە كۇبا، بىرازىلىيە، مىسىردا زىيارەتتە بولىدۇ

2023.09.13 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تاشقى ئالاقە مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 77 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 2023-يىللىق رەئىس دۆلىتى كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىياس كانېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ھاۋانادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو» باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  كۇبا كومپارتىيەسى، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى، مىسىر ۋەتەن كەلگۈسى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا زىگنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ