جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى ئېچىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2023.09.14 01:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 1-يىغىنى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم جەمئىيەت باشلىقلىقىغا سايلاندى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، باشتىن-ئاخىر ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇيۇشتۇرۇش، تۈرلۈك بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، مىللىي ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ، بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، بۇ مىزاننى جەزمەن مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇش، بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ۋە تاشقى مۇداخىلىچى كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلىشتەك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش، بېرىش-كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، بېرىش-كېلىشنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ تۇغقاندارچىلىقى، يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇش، بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. جۇڭگو-چەت ئەل دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى كەڭ دائىرىدە قولغا كەلتۈرۈپ، «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇش، بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى 9-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، 10-نۆۋەتلىك كېڭەشنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى، باش كاتىپى ۋە دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى. شى تەيفېڭ جەمئىيەتنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، پابالا گېلىلاڭجيې، سۇ خۇي، گاۋ يۈنلۇڭ، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلاندى.

  جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئارقىدىن ئېچىلغان جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ 10-نۆۋەتلىك 1-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنىدا، شى تەيفېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېڭەش ئەزالىرىنى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە پائال يېتەكلەپ، ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق، بىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ