شى جىنپىڭ قونجىراپ تاموژنىسىدىكى بارلىق تاموژنا خادىملىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

​تاموژنا قوشۇنىنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان دۆلەت دەرۋازىسىنى ياخشى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك

2023.09.14 15:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جاۋاب خەت

  قونجىراپ تاموژنىسىدىكى يولداشلار:

  ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. سىلەر قاتتىق سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قارلىق چېگرا رايوندىكى دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، خىزمىتىڭلارغا سادىق بولۇپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى دەۋر تاموژنا خادىملىرىنىڭ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدىڭلار. بۇ يىل تاموژنا خادىملىرى ئۇنۋان تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاموژنا سىستېمىسىدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  تاموژنا دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، تاموژنا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. يولداشلارنىڭ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، تاموژنا قوشۇنىنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت دەرۋازىسى بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان دۆلەت دەرۋازىسىنى ياخشى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2023 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى قونجىراپ تاموژنىسىدىكى بارلىق تاموژنا خادىملىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، تاموژنا سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا قارىتا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر قاتتىق سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قارلىق چېگرا رايوندىكى دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، خىزمىتىڭلارغا سادىق بولۇپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى دەۋر تاموژنا خادىملىرىنىڭ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدىڭلار. بۇ يىل تاموژنا خادىملىرى ئۇنۋان تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاموژنا سىستېمىسىدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تاموژنا دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، تاموژنا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. يولداشلارنىڭ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، تاموژنا قوشۇنىنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت دەرۋازىسى بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان دۆلەت دەرۋازىسىنى ياخشى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  قونجىراپ تاموژنىسى «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» دەپ ئاتالغان پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ تۇرۇشلۇق پورت دۆلىتىمىز بىلەن پاكىستاننىڭ بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان يولى ھېسابلىنىدۇ. 2005 - يىلى قونجىراپ تاموژنىسىغا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىكى نەمۇنىلىك تاموژنا» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە تاموژنا سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالاندى. تاموژنا خادىملىرى ئۇنۋان تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىغا 20 يىل بولغان پەيتتە، قونجىراپ تاموژنىسىدىكى بارلىق تاموژنا خادىملىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، داۋاملىق تۈردە دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداش، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ