«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىنىڭ تىكىپ تۈپلەنگەن نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.09.13 10:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بىلەن، «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىنىڭ تىكىپ تۈپلەنگەن نۇسخىسى تىكىپ تۈپلەنگەن كىتابلار نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرلىشىپ نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

  بۇ تىكىپ تۈپلەنگەن كىتاب خەلق نەشرىياتى 2023 - يىلى 4 - ئايدا نەشر قىلغان «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىنى نۇسخا قىلغان بولۇپ، فەنتى خەت نۇسخىسىدا چوڭ خەتلىك قىلىپ تىك يۆنىلىشتە تىزىلغان، 16 فورماتلىق، پۈتۈن بىر يۈرۈش 16 قىسىم، ئىككى قاپقا بۆلۈپ قاچىلانغان. نەپىس زىننەتلەش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزگىچە باسما ماتېرىيال ۋە ھۈنەر - سەنئەت بۇ كىتابنى قويۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى پۇرىقىغا ئىگە قىلغان، بۇ، ئۆگىنىش، يىغىپ ساقلاشقا ئەرزىيدىغان قىممەتلىك كىتاب.

  «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2022 - يىلى 10 - ئايغىچە بولغان بۇ مەزگىلدىكى مۇھىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى خاسلىقىغا ئىگە تىكىپ تۈپلەنگەن كىتاب شەكلىدە نەشر قىلىنغان «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىدا، بۇ مۇھىم ئەسەرنىڭ ھۆججەت - ئەسەر قىممىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ نەشر نۇسخىسى تۈرى بېيىتىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تىكىپ تۈپلەنگەن قەدىمىي كىتابلىرىغا يەنە بىر مۇھىم ھازىرقى زامان نادىر ھۆججەت - ئەسەر قوشۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ