«شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.09.12 09:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت ـ ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  ئىشچىلار سىنىپى پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم، ئەڭ ئىشەنچلىك سىنىپىي ئاساسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك دائىملىق، ئۇللۇق خىزمىتى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدىكى يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، ماركسىزملىق ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتى تەلىماتىنى بېيىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، يۈز مىليونلىغان ئىشچى ـ خىزمەتچىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە سەپەرۋەر قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايانلاردىن ئۈزۈندىلەر» سەككىز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 240 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن 2023 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، ئىزاھاتى، تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق 70 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت ـ ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ