شى جىنپىڭ 2023 ـ يىللىق پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.09.12 09:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2023 ـ يىللىق پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلماقتا. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىنسانلارنىڭ خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇھىم كۈچ. جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق تەپەككۇر ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئېچىۋېتىلگەن يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىدۇ. پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىگە ئىلھام بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2023 ـ يىللىق پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى «ئېچىۋېتىلگەن يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى: يېڭىلىق يارىتىش بىلەن پۈتۈن يەرشارىنى تۇتاشتۇرۇش» بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شۇ كۈنى شاڭخەي شەھىرىدە باشلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ