شى جىنپىڭ لىۋىيەدە دەھشەتلىك بوران ئاپىتى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لىۋىيە زۇڭتۇڭ كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەنفىيغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.09.14 15:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىۋىيەدە دەھشەتلىك بوران ئاپىتى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لىۋىيە زۇڭتۇڭ كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەنفىيغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ دەھشەتلىك بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر، زور دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. لىۋىيە خەلقىنىڭ چوقۇم ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ