جاۋ لېجى ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى پاچېكو بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.09.12 11:19 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 11-چېسلا چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى پاچېكو بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەسىر كۈچى ئەڭ زور پارلامېنتلار ئارا خەلقئارا تەشكىلات، قۇرۇلغان 130 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چۈشىنىش، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىغا مۇھىم سەھنە ھازىرلاپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ پارلامېنت ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆپ تەرەپچىللىك تىنچلىقنى قوغداش تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. پارلامېنت بىرلەشمىسى ئەسلىدىنلا كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارلامېنت بىرلەشمىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭ سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ؛ پارلامېنت بىرلەشمىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ تەرەققىيات ھاڭىنى كىچىكلىتىش، دۇنيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ پارلامېنت بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئادىل مەيداندا تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، پارلامېنت بىرلەشمىسى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن پارلامېنت بىرلەشمىسى بىرلىكتە بەش قېتىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى مۇھاكىمە كۇرسى ئاچتى، ئاسىيا، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 150 نەچچە پارلامېنت ئەزاسى جۇڭگوغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇردى ۋە كۆزدىن كەچۈردى. جۇڭگو بۇ ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى داۋاملىق ياخشى باشقۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئورتاق ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

  جاۋ لېجى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يولغا قويغان خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى. بۇ تۈزۈم ھەم دېموكراتىيەنى كەڭ جارى قىلدۇرۇپ، ئەل رايىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدۇ، ھەم ۋاقتىدا ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، قانۇن ۋە تەرتىپ بويىچە ئىش بېجىرىپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلارنى بىرتۇتاش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىللىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ پارلامېنت بىرلەشمىسى بىلەن قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  پاچېكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېلەر يىلى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارلامېنت بىرلەشمىسىگە كىرگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقى. جۇڭگو پارلامېنت بىرلەشمىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىزچىل پائال قوللاپ كەلدى، نامراتلارنى ئازايتىش، پۈتۈن دۇنيانىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئافرىقىدا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ