لى چياڭ 18 - نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

2023.09.13 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادا 18 - نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادا 18 - نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، شەرقىي ئاسىيا ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش دولقۇنىدا دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش توغرا يولىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. بىز تەرەققىياتنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، ئېچىۋېتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، تىنچلىقنىڭ قىممەتلىكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىمىز، شۇنداقلا ئىتتىپاقلاشسا گۈللىنىدۇ، بۆلۈنسە خارابلىشىدۇ دېگەن قائىدىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتتۇق.

  لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى داۋاملىق ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، رايونلارنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى ۋە ئۇزاققىچە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشى كېرەك:

  بىرىنچى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رايونلارنىڭ ئېشىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇشتا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدۇ. ئۈچىنچى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەلىپىگە ئەڭ زور دەرىجىدە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىنى سىغدۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەردە بىر - بىرىنى تولۇقلاش، بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى» توغرىسىدا كېڭىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رايون دۆلەتلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز قائىدىسىنى كېڭىشىش، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دېڭىز - ئوكيان بۇلغىنىشىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، تارىخقا، ئىنسانىيەتكە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيە بىلەن دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى، يەر شارىنىڭ «كۆك يۈرىكى»نى قوغداش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن داۋاملىق ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىگە پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنداق بىلدۈردى: تىنچلىق بىلەن مۇقىملىق تەرەققىيات بىلەن گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچى. رايون دۆلەتلىرى شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ رەھبەرلەر يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مۇنبەرلىك رولىنى قوغداپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىجابىي سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاممىۋى سەھىيە، ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، رايون ھەمكارلىق سۇپىسى ۋە ئېشىش مەركىزى بەرپا قىلىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.يىغىندا «شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ مەزكۇر رايوننى ئېشىش مەركىزى قىلىش ۋە قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى رەھبەرلەر باياناتى» ماقۇللاندى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ