خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا ۋىلادىۋوستوكتا 8-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ بىلەن كۆرۈشتى.
پۇتىن جاڭ گوچىڭدىن رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى، جۇڭگونىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى رۇسىيەگە ئەۋەتىپ شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىردى، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يىراق شەرقنى ئېچىش رۇسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى، رۇسىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىدى.
جاڭ گوچىڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، 8-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. جاڭ گوچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ئۈچۈن رول تۇتۇپ بەردى، جۇڭگو-رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق-تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. بۇ يىل 3-ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.
رۇسىيەدىكى مەزگىلدە، جاڭ گوچىڭ 8-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مانتۇروف، دېڭىز ساھىلى چېگرا رايونىنىڭ باش مەمۇرى كوژېمياكو بىلەن كۆرۈشتى، جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئۈستىگە ئالغان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تەكشۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ