مۇھىم خەۋەرلەر

لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

2023.09.13 14:52 مەنبە: خەلق تورى

  ئەرەبىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 12-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتى خەلقئارا بىرلەشمىسىنىڭ ئېيتىشىچە، لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

  لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيى تەيىنلىگەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسىمۇ شۇ كۈنى لىۋىيەنىڭ شەرقى قىسمىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 5200 گە يەتكەنلىكىنى جاكارلىغان. باياناتچى يەنە مۇنداق دېگەن: دېرنا شەھىرى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى، بۇ شەھەرنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، سۇ ئاستىدا قالدى.

  «دانىيال» ناملىق قارا بوران شۇ جاي ۋاقتى 10-چېسلا لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ