سەي چى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە 1 - تۈركۈمنى خۇلاسىلەش ھەم 2 - تۈركۈمنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

2023.09.11 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش كېرەكشى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە 1 - تۈركۈمنى خۇلاسىلەش ھەم 2 - تۈركۈمنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2 -تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش پىكىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىك روھى بىلەن 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش كېرەك.

  سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، باش تېما، ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچەيدى، سىياسىي ئېكولوگىيەدە يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندى.

  سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. نىشان، تەلەپنى توغرا ئىگىلەشكە، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، جىپسىلاشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى چىڭ تۇتۇشقا، شەكىلۋازلىق، بيۇرۇكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپىلار)لىرى 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىشنى ياخشى قىلىپ، ياخشى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لى گەنجيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىنگو، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ شىنجى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئىشخانىدىكى مەسئۇل يولداشلار؛ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ھەم پارتىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى تارماقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، قىسمەن كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى؛ 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى مەركەز سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ