لى چياڭ 26 − قېتىملىق جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى

2023.09.11 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادا 26 − قېتىملىق جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى (1 + 10) رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: يىغىندىن بۇرۇن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادا 26 − قېتىملىق جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى (1 + 10) رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، لائوس زۇڭلىسى سۇڭسەي، برۇنېي سۇلتانى ھەسەننال، كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭمانا، مالايشىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ماكوس، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ، ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ، تايلاند دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساران، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۆزەتكۈچىسى شەرقىي تىمور زۇڭلىسى شانانا بىلەن كۆرۈشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گاۋ جىنخۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2013 − يىلى رەئىس شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەدە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھەمدەم بېرىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ماسلىشىش، كەڭ قورساق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش داۋامىدا ئۇزاق مۇددەت ئىناق قوشنىدارچىلىق، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشتىن ئىبارەت توغرا يولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى.

  لى چياڭ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، قول تۇتۇشۇپ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش مەركىزىنى بەرپا قىلىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يورۇقلۇق ۋولت، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، قول تۇتۇشۇپ رايونلارنىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى» توغرىسىدا كېڭىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىش كېرەك. تۆتىنچى، قول تۇتۇشۇپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەربىيەلەش، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئايرىلالمايدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى قېرىنداش، ياخشى ھەمراھ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دەسلەپكى مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، گۈزەل، دوستانە ئورتاق يۇرت − ماكاننى ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى زۇڭلى لى چياڭنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇنداق بىلدۈرۈشتى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى رايون خەلقىگە غايەت زور بەخت ئېلىپ كېلىپ، رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن جىپسىلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، سودا، مەبلەغ سېلىش، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن − تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى»نى تۈزۈش جەھەتتە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگو ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىنى بالدۇرراق تاماملاپ، 20 − نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.يىغىندا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھىندى ئوكيان − تىنچ ئوكياننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىغا نەزەر سېلىش توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى، «جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»، «جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىك يېشىل تەرەققىيات ھەرىكىتى پىلانى(2023−2027)»، «جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسى»، «جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش بىرلەشمە تەشەببۇسى» قاتارلىق نەتىجە ھۆججەتلىرى ماقۇللاندى، ««جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى» ئىمزالاش قارشى ئېلىندى، 2024 - يىلىنى «جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى» دەپ جاكارلىدى.ۋۇ جېڭلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ