لى چياڭ جاكارتاغا بېرىپ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە ھىندونېزىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

2023.09.11 14:40 مەنبە: خەلق تورى

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكونىڭ تەكلىپى بىلەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھىندونېزىيەدە شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ھەمدە ھىندونېزىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ئايرىلدى. سۈرەتتە: شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى چياڭ ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلان بىلەن جاكارتا سوئېكارنو - خاتتا ئايرودرۇمىغا يېتىپ كەلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكونىڭ تەكلىپى بىلەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھىندونېزىيەدە شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ھەمدە ھىندونېزىيەدە زىيارەتتە بولۇش، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى. دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋۇ جېڭلۇڭ قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا بېيجىڭدىن يۈرۈپ كەتتى.
شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى چياڭ ئولتۇرغان ئايروپىلان جاكارتا سوئېكارنو - خاتتا ئايرودرۇمىغا يېتىپ كەلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ بولۇپ تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، ئەنئەنىۋى كىيىم كىيگەن يەرلىك ئامما ھىندونېزىيەنىڭ مىللىي ئۇسسۇلىنى ئويناپ جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ باشلامچىسى، بىرتۇتاش پىلانلاش مىنىستىرى لۇخۇت ۋە جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ كاڭ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇ يەنچى قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەمدە ھىندونېزىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇش مېنىڭ جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى بولغاندىن كېيىن ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشۇم. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون ھەمكارلىقىدىكى مەركىزىي ئورنىنى قەتئىي قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، رايون ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم قارالمىلاردا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، شەرقىي ئاسىيانىڭ داۋاملىق دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ جوكونىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە، لى چياڭ 26 - قېتىملىق جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى (1 + 10) رەھبەرلەر يىغىنى، 26 - قېتىملىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو - ياپونىيە - كورىيە (3 + 10) رەھبەرلەر يىغىنى ۋە 18 - نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
ھىندونېزىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، لى چياڭ زۇڭتۇڭ جوكو بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، ھىندونېزىيە 2023 - يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل مۇنبىرى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ