ب د ت باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ب د ت نىڭ ھەرقانداق جايدا كۈچسىز ئۇران بومبىسى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2023.09.08 14:44 مەنبە: خەلق تورى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ جاي ۋاقتى 6-چېسلا ئۇكرائىنانى 175 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە «ئابرامىس» ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسىغا ئىشلىتىلىدىغان يۈرۈشلەشكەن ئوق-دورا كۈچسىز ئۇران بومبىسىمۇ بار ئىكەن.
بۇنىڭغا قارىتا، ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارخان خاك تاسس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ب د ت دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە كۈچسىز ئۇران بومبىسى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدۇ، دېدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ