11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

​شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، خەن جېڭ قۇرۇلتايغا كېلىپ تەبرىكلىدى لى شى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى

2023.09.04 09:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى قۇرۇلتىيى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قۇرۇلتايغا كېلىپ تەبرىكلىدى، لى شى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك ھەم قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى قۇرۇلتىيى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى، كەينىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا بەش چوڭ قىتئەدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار قەلبىنىڭ ۋەتەنگە تەلپۈنۈشىگە سىمۋول قىلىنغان جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسىنىڭ گېربى ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى. 2 - قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!» دېگەن چوڭ پىلاكات ئېسىلغانىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1200گە يېقىن ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىلى ۋە 100 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 600گە يېقىن مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار قاتارلىق ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلار بىر يەرگە جەم بولدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  قۇرۇلتاي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى.

  لى شى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن چياۋمىنلار ساھەسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، كەڭ ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىگە ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

  لى شى سۆزىدە مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك چياۋمىنلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، چياۋمىن قېرىنداشلارغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، چياۋمىنلار بىرلەشمىسىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، تەشكىللەش كۈچى، تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. كەڭ ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار باشتىن - ئاخىر ۋەتەن بىلەن بىرلىكتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەلق بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى، سىرتقا ئېچىۋېتىش، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال تۆھپە قوشتى.

  لى شى مۇنداق بىلدۈردى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى، يەنە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. كەڭ ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەن(يۇرت)نىڭ ۋە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئۆز تەرەققىياتىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش شان - شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا يېڭى تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى ئا دۇڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا تەبرىك سۆزى قىلدى. تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەتنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.

  قۇرۇلتايدا «جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، گوۋۇيۈەن چياۋمىنلار ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ جۇڭگو چياۋمىنلار ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر ۋە مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى بويىچە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك چياۋمىنلار بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» «جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك چياۋمىنلار بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى ئىلغار تەشكىلاتلار ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئورۇن ۋە شەخسلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋەن لىجۈن جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، كەڭ ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  ۋاڭ يى، شى تەيفېڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، چېن ۋېنچىڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، لوساڭ جياڭسۈن، شيەن خۇي قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە پايتەختتىكى چياۋمىنلار ساھەسىدىكى ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ