«شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.09.06 09:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى» ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  بۇ كىتابتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، مەخسۇس تېمىلار بويىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىدىيە تومۇرى، ئىچكى خاس مەزمۇنى، ماھىيىتى، مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى سىستېمىلىق رەتلەپ بايان قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىز ۋە دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي يېڭى يۆنىلىشىدە تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ ۋە سىستېمىلىق پىلانلاپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىر قاتار مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نەزەرىيە لوگىكىسى، تارىخىي لوگىكىسى ۋە رېئال لوگىكىسىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ، ماركسىزملىق پەن - تېخنىكا قارىشىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە ۋە پىروگرامما خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردە يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ