جاۋ لېجى لائوس پارلامېنتىنىڭ رەئىسى سەي سۇڭپېڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.09.06 00:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا لائوس پارلامېنتىنىڭ رەئىسى سەي سۇڭپېڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن لائوس تاغ-دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك قوشنا، بۇزۇلماس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى تۇڭ لۈننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو لائوس بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش جەريانىدا «يولداشلارچە ھەم قېرىنداشلارچە» دوستلۇق ۋە مەسئۇلىيەتنى تولۇق نامايان قىلىپ، لائوس تەرەپنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇستەھكەملىشى، خەلق تۇرمۇشىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە ياخشىلىشى، خەلقئارا ۋە رايون سەھنىسىدە تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، يۇقىرى قاتلامنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى بەرپا قىلدى. جۇڭگو-لائوس ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «كىچىك ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىك، دوست شەھەر، ياشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. جۇڭگو لائوسنىڭ كېلەر يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون مۇقىملىقىنى قول تۇتۇشۇپ قوغداپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى لائوس پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، تەرەققىيات يىرىك پىلانى، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-لائوسنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ. كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت سورۇنلىرىدا زىچ ماسلىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

  جاۋ لېجى جۇڭگونىڭ پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈلگۈسى!

  سەي سۇڭپېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لائوس بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى لائوس خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. لائوس-جۇڭگو تۆمۈر يولى كونا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. لائوس پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، لائوس-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە لائوس-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، جاۋ لېجى سەي سۇڭپېڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن لائوس پارلامېنتىنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

  خاۋ مىڭجىن يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ